خىتاينىڭ مىللەتلەرنى بىر – بىرىگە قوشۇۋېتىش پىلانى

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان خوتەندىكى بىر چۆلگە ھەممە مىللەت ئارىلاش ياشايدىغان يېڭى شەھەر قۇرۇلىدۇ.

127989
خىتاينىڭ مىللەتلەرنى بىر – بىرىگە قوشۇۋېتىش پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ سىرتىغا يېڭى ئولتۇراق رايونى قۇرماقچى. سىناق رايوننى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە قوشۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
شىنجاڭ خەلق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوتەننىڭ سىرتىغا جايلاشقان چۆلدىكى 447 گېكتار كېلىدىغان جايغا 600 بىنا ۋە 600 پارنىك قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن بولغان يەرلىك 6 مىڭ دېھقان بىلەن 700 خىتاي دېھقان بۇ رايونغا يەرلىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان. ئىلتىماس سۇنغانلار ئارىسىدا يەرلەشمەكچى بولغان جايغا قاراپ شاللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى.
مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىشى، ماي ئېيىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەر قايسى مىللەتلەر بىللە ياشاپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان يېڭى ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر رايوندا بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئىجابىي نەتىجىلەر ئېلىنغان ئۆرنەك جايلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. گېزىتتە، قاراماي شەھىرىدىكى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئولتۇراق رايون پىلانلىرىدىن ئىجابىي نەتىجىلەر ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئەمما، بەزى مۇتەخەسسىسلەر پىلان مالىيىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تەبىئىي مەنبە ئېھتياجىنىڭ قىسلىقىنى كۆرسىتىپ، مەزكۇر پىلاننىڭ رايوندا كېڭىيىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. پىلانغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر سەلبىي قاراش بولسا، مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان مۇتەخەسسىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر