ئۇيغۇر رايونىدا «قۇلاق» لىق ئۈچۈن 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى

خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ يولغا قويۇلدى.

122074
ئۇيغۇر رايونىدا «قۇلاق» لىق ئۈچۈن 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق توغرىسىدا مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 1 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 160 مىڭ دوللار) مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» دىن «ساقال قويۇش» قىچە بولغان ئىشلارنى مەلۇم قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە مۇكاپاتنىڭ، «تېررورلۇق ئەمەلگە ئاشسا قانچىلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكى ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئارزۇسى» غا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. خەۋەردە، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا 300 مىليون يۈەننىڭ مۇكاپات ئۈچۈن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇكاپات بېرىلىدىغان مەلۇماتلار ئارىسىدا «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش»، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش»، «تېررورلۇقنى پىلانلاش»، «تېررورلۇق قىلىش»، «تېررورچىلارنى يوشۇرۇش ۋە ياردەم قىلىش» قاتارلىقلار بار.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رايوندا خاتىرجەمسىزلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا، بېيجىڭنىڭ بولۇپمۇ رايوندىكى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا يولغا قويغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. «شەرقىي تۈركىستان» دەپ بىلىنىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ، مول يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولۇش سەۋەبىدىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇتەخەسسىسلەر رايوندىكى بايلىقلارنىڭ خىتايلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راھەتسىزلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر