ئابدۇللاھ گۈلگە داناكېر دۆلەت ئوردېنى بېرىلدى

11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، قىرغىزىستاننىڭ داناكېر دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلدى

118874
ئابدۇللاھ گۈلگە داناكېر دۆلەت ئوردېنى بېرىلدى

ئابدۇللاھ گۈلگە داناكېر دۆلەت ئوردېنى بېرىلدى.
11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، قىرغىزىستاننىڭ داناكېر دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلدى.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھمىكىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، 11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلگە داناكېر دۆلەت ئوردېنى بېرىلىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتقا كۆرە، ئاتامبايېۋ، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە قىرغىزىستان - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھەر ساھەدە يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى دائىرىسىدە تۈركىي مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ ڭۈچەيتىلىشىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئاتامبايېۋ، ئابدۇللاھ گۈلگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بەخت - سائادەت ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلىگەن.
داناكېر دۆلەت ئوردېنى، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1999 - يىلدىن بېرى خەلقلەر ئارا تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىگە ھەسسە قوشقان دۆلەت باشلىقلىرىغا بېرىلمەكتە. قىرغىزىستاندا 2010 - يىلقى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋا، قىرغىزىستان خەلقى ۋە دۆلىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى تۈپەيلى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا 2011 - يىلى فېۋرالدا داناكېر دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر