ب د ت قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

114688
ب د ت قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
بان كىمون، يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېسپېن بارس ئېيد بىلەن تۈنۈگۈن بىر يەرگە جەم بولدى. ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بان كىموننىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.
قىبرىستا، فېۋرالدا قوبۇل قىلىنغان قوشما باياننامە ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش يولىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بان كىمون، ئېيدتىن دەرھال قىبرىسقا يېتىپ بېرىپ، تۈرك ۋە رۇم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى.
بان كىمون، لىدەرلەرنىڭ ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان باياننامە دائىرىسىدە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
بان كىمون، نورۋېگىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات ئېسپېن بارس ئېيدنى 22 - ئاۋغۇست كۈنى قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنىدى.
ئېيدتىن بۇرۇن بۇ ۋەزىپىنى ئاۋىسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندېر دوۋنېر ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر