دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى نەھچىۋاندا ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تۈركىيە - ئەزەربەيجان - گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا نەھچىۋان ساھىبخانىلىق قىلدى

96116
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى نەھچىۋاندا ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - ئەزەربەيجان - گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا نەھچىۋان ساھىبخانىلىق قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى، نەھچىۋان ئارمىيە قوماندانلىق باش ئىشتابىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يىغىنغا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراكى ئالاسانىيە ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا، ئالدى بىلەن مىنىستىرلار بىر يەرگە جەم بولدى، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېيىنچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئىزچىل داۋاملىشىشى ئۈچۈن 3 دۆلەتنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىلماز، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دائىرىسىدە ۋە تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى سىياسىتىنى قوللايمىز.»
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە، يېقىنقى يىللاردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېنېرگىيە ۋە قاتناش لايىھەلىرىمۇ بار ئىدى.
مىنىستىر يىلماز، بەزىلەرگە نىسبەتەن چۈش ھېسابلىنىدىغان باكۇ - تىفلىس - جەيلان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باكۇ - تىفلىس - ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باكۇ - تىفلىس - قارس تۆمۈر يولى لىنىيەلىرىنىڭمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇچرىشىشلاردا، بۇ ئالەمشۇمۇل لايىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر