خىتاي، 82 ئۆسمۈرنى مەدرىسەدىن «قۇتقۇزۇۋالغانلىقى» نى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئىلىدە 82 بالىنى مەدرىسىدىن «قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقى» نى، 27 قانۇنسىز دىنىي مەكتەپنى تاقاپ، 44 قانۇنسىز ئىمامنى قولغا ئالغانلىقىنى، 17 مىڭدىن ئارتۇق نەشىر بۇيۇمىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

93331
خىتاي، 82 ئۆسمۈرنى مەدرىسەدىن «قۇتقۇزۇۋالغانلىقى» نى بىلدۈردى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16 – ئاغۇستتىكى خىتاينىڭ بىر ئورگان گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى تازىلاش نەتىجىسىدە، 82 ئۆسمۈرنىڭ كېنىشكىسىز دىنىي مەكتەپلەردىن «قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى» ۋە دىنىي بۈيۈملارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىنىدە يىللاردىن بېرى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى توختىماي كەلگەنلىكى؛ ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشى ۋە تازىلىشى سەۋەبلىك يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، بۇ قېتىملىق ھەرىكەت نەتىجىسىدە، پەقەت ئۆسمۈرلەر «مەدرىسە» دەپ ئاتالغان دىنىي مەكتەپلەردىن «قۇتۇلۇپ» لا قالماي، يەنە يەرئاستى دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان 27 ئورۇننىڭ تاقالغانلىقى ۋە قانۇنسىز ئىمامدىن 44 نىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدرىسەلەرگە بېرىشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەچكە، پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشنى ئارزۇ قىلغان ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى يەرئاستى دىن مەكتەپلىرىگە بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 24 ئادەمنىڭ جىھادنى تەشۋىق قىلغانلىقى، توققۇز ئادەمنىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇسادىرە قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورايدىغان چۈمبەل ۋە ئاي- يۇلتۇز رەسىملىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، دەپ قارايدىغان ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز، ئىسلام دىنىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە باشقا دۆلەت بايراقلىرىدىمۇ بار.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «شىنجاڭ گېزىتى» دە بۇ قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئېنىق يېزىلمىغانلىقى، پەقەت يېقىندا باشلانغانلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تارتىۋېلىنغان نەرسىلەردىن يەنە تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان 17مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز نەشىر ۋە ئۈن- سىن بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقى يېزىلغان بولسىمۇ، تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان.

ئۇيغۇر دىئاسپورالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، بۇ رايوندا قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنى رەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە، ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىمانى ۋە ئېتىقادىنى، بېيجىڭنىڭ قائىدىسىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنداق بېسىم كۈچەيگەنسىرى قالايمىقانچىلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا قاراماي شەھىرىدە ياغلىق، چۈمبەل ئارتقان ئاياللار، بۇرۇت- ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىشى چەكلەنگەنىدى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدىكىلەرگە ئوخشاش «زامانىۋى» كىيىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرى خۇددىي پاكىستان ياكى ئافغانىستانلىقلاردەك پۈتۈن يۆگىنىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە باشلىغان. ساقچى دائىرىلىرى، «زوراۋان تېررورلۇق مەشقلىرى» ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلار ۋە بۇرۇت- ساقال قويغانلارنى پاش قىلغانلارنى «تارتۇقلاش» قا باشلىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر