ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئىلھام توختى دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا قاماقتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا قاماقتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىننىڭ باياناتچىسى مايكېل مان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتقا ئىگە بولۇش ۋە داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ 6 ئاي قاماقتا ياتقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە «توختى، پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشى، پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشەنچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يىللاردىن بويان خىتاي قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ئىشلىدى» دېيىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن سىرت مۇۋاپىق داۋالىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىشى بىلەن ئاساسلىق ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشىنىمۇ تەلەپ قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.