خىتاي، يەكەن ۋەقەسىدە 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

123404
خىتاي، يەكەن ۋەقەسىدە 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆز يېشى توختاۋسىز ئاقماقتا. خىتاي، ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەسناسىدا 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 215 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. خىتاي مېدىياسى، 28- ئىيۇل كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېنىق سانلارنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن نېمىشقا بۇنچىلىك ئۇزۇن ساقلاپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.
ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، بۇ قېتىمقى ۋەقەلەرنىڭ رايوندىكى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ قانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى ئۇيغۇر تۈركلىرى تەشكىل قىلىدۇ.
96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بېيجىڭ دائىرىلىرى، بىر ساقچى پونكىتى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان 215 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. لېكىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان رامىزان ئېيىدىكى بېسىملارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايوننىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىنى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە زىيانلىق شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋەقەلەر ئەسناسىدا پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ئەمەس، خىتايلارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان دىنىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى بېسىملىرىنى رامىزان ئېيىدا بولۇشىچە كۈچەيتتى. خىتاينىڭ كۈچىيىپ كەتكەن بېسىمى، روزا ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرگە قويغان چەكلىمىسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا؛ دۇنيا مېدىياسىدا پات – پات خەۋەر تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
ئىلھام توختى قاتارلىق ئاكادېمىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھېمايە قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۈركى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. بۇ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىغا مەلۇم قىلىنمىغاندىن سىرت، ئۇلارغا بېرىلگەن جازالار دۆلەتنىڭ رەسمىي مېدىيا ئورگانلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرۇلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر