قازاقىستاندىن ئالەم راكېتاسى قويۇپ بېرىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويۇز راكېتاسى ناسا (NASA) نىڭ ئۇچقۇچىسى رېيىد ۋىسېمەن، ياۋروپا ئالەم ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئالېكساندېر گېرست ۋە رۇسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ماكسىم سۇرېيىۋنى ئالەم ئىستانسىسىغا ئېلىپ بارىدۇ.
يېڭى خادىملار بۇ يەردە، 2014 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رۇسىيەلىك ئالېكساندېر سكۋورتسوۋ ۋە ئولېگ ئارتېميېۋ بىلەن ناسا خادىمى ستېۋ سىۋانسونغا قېتىلىدۇ.
ۋىسېمەن، گېرست ۋە سۇرېيىۋ كەڭ دائىرىلىك ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقاتلىرى، تەجرىبە پىروگراممىلىرى ۋە تىرانسىپورت راكېتاسى تەتقىقاتلىرىدىن باشقا، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆپ ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ يەردىكى ۋەزىپىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەر شارىغا قايتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.