ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈندە ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.

75434
ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈندە ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بىر گۇرۇپپا ئەرمەن ئەسكىرى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. بۇ ۋەقە بۈگۈن كېچە ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ فۇزۇلى رايونىدا مەيدانغا كەلگەن.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر ئېغىر يارىلاندى. توقۇنۇش تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋ، شېھىت ئەسكەرلەرگە ئالاھىدە خىزمەت مېدالى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە ئەرمېنىيە تەرەپ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر