تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 4 - ئىيۇن كۈنى بودرۇمدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

74763
 تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 4 - ئىيۇن كۈنى بودرۇمدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا، بۇ يىل تۈركمەنىستانمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ بولسا كېيىنكى باسقۇچتا ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئالدى بىلەن ۋاشىنگىتون، بېرلىن ۋە پارىژدا تەشكىل قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان دىئاسپورا رايونلۇق مەركەزلەر بىلەن دۇنيادا ياشاۋاتقان تۈركلەر بىر يەرگە جەم قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئەرمېنىيە مەسىلىسىگە ئوخشىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جامائەت پىكرى توپلاش نىشان قىلىنماقتا. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈرك دىئاسپوراسى توغرۇلۇق نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانماقتا. تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى خەلىل ئاقىنجى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىپلوماتىيە مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى ئەزالىرىغا خىتاب قىلغان ئاقىنجى، تۈرك دىئاسپوراسىنىڭ نوپۇزىنىڭ نوپۇسىچىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا، نوپۇزىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزنىمۇ قوغدىيالايمىز.»
«ئورتاق تارىخىي ئەسەرلەر» لايىھەسى بولسا، ياشلاردا ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق ئۆتمۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. كېلەر يىلدىن باشلاپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئورتاق تارىخ دەرسلىكلىرى ئوقۇتۇلىدۇ.
يىغىندا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ساياھەت لايىھەسىمۇ يىغىننىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى.
ئىگىلىنىشىچە، ئورتاق جۇغراپىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان تارىخىي يىپەك يولى لايىھەسى ئارقىلىق يىپەك يولىنى ھەم رايون ھەمدە دۇنياغا نىسبەتەن جەزبىدارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر