سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە باشلاندى

65110
سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە باشلاندى.
ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ يىغىندا تۈركمەن مەجلىسىنىڭ باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ.
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىمۇ قوللاۋاتقان تۈركمەنىستان مەجلىسى يىغىنغا سۈرىيە مىللىي كېڭىشىنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ سۈرىيەلىك تۈركمەنلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى.
داۋۇتئوغلۇ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «بارلىق سۈرىيەلىكلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، سۈرىيە خەلقىنىڭ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغۋار كۈرىشى غەلىبە قىلغانغا قەدەر پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز» دېدى.
داۋۇتئوغلۇ، خەلقنىڭ 3.5 مىليونى سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، 6.5 مىليونى بولسا ئۆز ۋەتىنىدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان سۈرىيەدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خۇددى پۈتكۈل دۇنيانى مازاق قىلىۋاتقاندەكلا سايلامغا تەييارلىق قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ياسالما سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلق ئاۋاز بېرىدىغان پۇرسەتنى ئەمەس، بېشىنى سقىغدۇرالايدىغان بىرەر جاينى تاپالماتۋاتقان تۇرسا، سايلام ئۆتكۈزۈش دېگەن بۇ قانداق گەپ.»
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3 ئاي ئىلگىرى قارار ئالغان بولۇشىغا قارىماي، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيە تۈركمەنلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، دەردلىرىنى ھەم تۈركىيە ھەمدە پۈتكۈل دۇنياغا تېخىمۇ يۈكسەك ئاۋازدا ئاڭلىتىشى ۋە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى تۈگىتىشىڭلار كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر