تۈركىيە قىرىمئوغلۇنىڭ ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنم

تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

63489
تۈركىيە قىرىمئوغلۇنىڭ ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ 3 - ماي كۈنى ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكىنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنلۇق ۋە ئىزاھلىق تەرىپىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ، «ھېچقانداق بىر شەكىلدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بۇ ئىجرائاتنى تولىمۇ ئەندىشىلىك دەپ قارايمىز ھەمدە قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، دېموكراتىيە ئاساسىدا قىزغىن قارشى ئېلىش ئۈچۈن مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ ئالدىغا چىققان قىرىم تاتار خەلقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانلىقى، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنى بىكار قىلىشى توغرۇلۇق قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى رېفات چۇباروۋغا تەھدىت سېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئېھتىمالدىن يىراق دەپ قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ پىكىر - تەلەپلىرىنى دېموكراتىيە ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ بىردىن بىر قانۇنلۇق ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىگە قارشى بۇنداق تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى رايوندا جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان خەۋپلىك ئەھۋال دەپ قارايمىز. بۇ دائىرىدە بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە، ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ 2014 - يىلى 20 - مارت كۈنى ماقۇللىغان قارار ئارقىلىق، قىرىم تاتارلىرى مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنى قىرىم تاتار خەلقىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يەرلىك سەۋىيەدە ئېلىنغان بۇنداق قارارلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمىز. قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ دېموكراتىك ھەق - ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكلىرى ۋە يېگانە قانۇنلۇق ئورگىنىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر