قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى

قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى، ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى

62327
قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى

قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى، ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.
مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى بىر كونفېرانسقا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن موسكۋا ئارقىلىق قىرىمغا ئۆتمەكچى بولدى.
موسكۋا ئايرودۇرۇمىدا جۈمە كۈنى رۇسىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى تۈپەيلى كىيېۋغا ئۆتتى، بۇ يەردىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق قىرىمغا قاراپ يولغا چىقتى.
يېرىم ئارالغا كېلىشىدە مىڭلارچە قىرىم تاتارلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان قىرىمئوغلۇ يەنە رۇسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
قىرىم تاتارلىرى توسۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلىغاندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان قىرىم دائىرىلىرى رايونغا كۆپ ساندا بىرۇنىۋېكلاشقان قىسىملارنى ئەۋەتتى.
شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارغا قارىماي كونترول نۇقتىسىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان قىرىمئوغلۇ، كىيېۋگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قىرىمئوغلۇ، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىنچ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، تەسلىم بولماسلىق، مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان كونترول نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇكرائىنا چېگرىسىدا قىرىمئوغلۇنى قارشى ئالغان مىڭلارچە قىرىم تاتارلىرىمۇ رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللىقىدا قىرىمغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر