ئىسىرائىلىيە ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىلىرى توڭلىتىلدى

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) ئىسىرائىلىيە دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغىچە توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2048700
ئىسىرائىلىيە ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىلىرى توڭلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى ئىسىرائىلىيە دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغىچە توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى بويىچە ئىسىرائىلىيە كوماندىلىرىنىڭ خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ياۋروپا كۈنلۈكى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغىچە توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قارارنىڭ، ياۋروپا ئاياللار ۋاسكېتبول لوڭقىسى ۋە خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى ياۋروپا لوڭقىسىدا مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بەش ئىسىرائىلىيە كوماندىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر