ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى تۈركىيەنى سۆيۈندۈردى

دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى تۈنۈگۈن 30-ئاۋغۇست «زەپەر بايرىمى» دا، پولشا ئاياللار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، تۆت كوماندا ئىچىگە كىردى ۋە تۈركىيەنى سۆيۈندۈردى.

2031225
ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى تۈركىيەنى سۆيۈندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا تۆت كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىردى. چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، پولشا كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلغان كوماندا، ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى پولشا ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بىلەن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن چارەك ھەل قىلغۇچ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 23 كە قارشى 25، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، 22 گە قارشى 25 ۋە ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 20 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن غەلىبە قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر