19 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار مىللىي كوماندىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
تۈركىيەنىڭ 19 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار مىللىي ۋالىيبول كوماندىسى دۇنيا ئاياللار ۋالىيبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2023080
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى كىرودىيەنىڭ ئوسىجېك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار ۋالىيبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئەتە ئىتالىيە – ئامېرىكا مۇسابىقىسىدە ئۇتقان كوماندا بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.