رېئال مادرېد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ئاردا گۈلەر ئىسپانىيەگە يېتىپ باردى

ئىسپانىيەنىڭ رېئال مادرىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول ماھىرى ئاردا گۈلەر ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدقا يېتىپ باردى.

2008276
رېئال مادرېد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ئاردا گۈلەر ئىسپانىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئۈمىت گۈلەر، ئانىسى سەراپ گۈلەر ۋە بىر قىسىم تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە  ئىستانبۇلدىن مادرىد باراجاس ئادولفو سۇئارېز ئايرودرومىغا يېتىپ بارغان ئاردانى رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە كۇلۇب تېلېۋىزىيەسى كۈتۈۋالدى.

رېئال مادرىد كوماندىسى فەنەرباھچە كوماندىسى بىلەن ئاردا گۇلەرنى يۆتكەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول ماھىرى بىلەن ئالتە پەسىللىك توختام ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مادرىدتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، يېڭى كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالايدىغان ئاردا گۈلەر، ئەتە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13.00 تە رېئال مادرىدنىڭ تەنتەربىيە مەركىزى بولغان «رېئال مادرىد تەنتەربىيە شەھىرى» دە ئاخباراتقا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاردا رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ پەسىلدىن بۇرۇنقى مەشىقلىرىگە قاتنىشىدۇ.

رېئال مادرىد كوماندىسى 2023- 2024- يىللىق مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 10- ئىيۇل ۋالدېبېباستىكى مەركىزىدە ئۇچرىشىدۇ ۋە بارلىق پۇتبولچىلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەشىقلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

رېئال مادرىد كوماندىسى «پۇتبول چېمپىيونى ساياھىتى» ناملىق مۇسابىقە دائىرىسىدە، مىلان، مانچېستېر بىرلەشمىسى، بارسېلونا ۋە يۇۋېنتۇس كوماندىلىرى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر