مەرۋە تۇنجەل ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

سۇ ئۈزۈش ماھىرى مەرۋە تۇنجەل ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2007626
مەرۋە تۇنجەل ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي سۇ ئۈزۈش ماھىرى مەرۋە تۇنجەل سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىگە قاتناشتى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 16.18.53 لىك نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان مەرۋە تۇنجەل، بۇ قېتىمقىسىنى قوشقاندا، ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم ئوخشاش ئارىلىقتىكى ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باك ياۋروپا چېمپىيونى بولغان دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش ماھىرى تۇنجەلنى تەبرىكلىدى.

ئوسمان ئاشكىن باك تەبرىك سۆزىدە: «قىزىمىز مەرۋەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى سۇ تەنتەربىيەسى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم. مەن ئالتۇن غۇلاچ مەرۋەنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە مېداللارغا ئېرىشىپ، رېكورتلارنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر