تۈركىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە 17 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بالقان چېمپىيونلۇقىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

2007188
تۈركىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 17 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بالقان چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بۇلغارىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

تۈركىيە 17 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى بىرىنچى مەيداندا 11 گە قارشى 25 نومۇر، ئىككىنچى مەيداندا 22 گە قارشى 25 نومۇر، ئۈچىنچى مەيداندا 18 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈك قازاندى.

تۈركىيە كوماندىسى گىرېتسىيە-سېربىيە مۇسابىقىسىدە ئۇتقان كوماندا بىلەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر