سىنگاپوردا 180 يىللىق ئات بەيگىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى سىنگاپوردا  180 يىللىق ئات بەيگىسىگە كېلەر يىلى خاتىمە بېرىلىدۇ.

1996046
سىنگاپوردا 180 يىللىق ئات بەيگىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنگاپوردىكى بىردىنبىر ئات بەيگىسى مۇسابىقە يولى «Turf Club» كېلەر يىلى ئاخىرقى مۇسابىقە پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن تاقىلىدىكەن.

سىنگاپور ھۆكۈمىتى ئات بەيگىسى مۇسابىقە يولى چېگراسى بويىدىكى 120 گېكتارلىق يەرنىڭ دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىغا بېغىشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«Turf Club» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەملىكەت بويىچە ئات بەيگىسىنىڭ ئۇزۇن ۋە ئوخشىمىغان تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئات بەيگىسىنىڭ 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 100 – يىللىق سىنگاپور ئالتۇن لوڭقىسى مۇسابىقىسىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ مۇسابىقەلەردە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، بىخەتەر تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

1842-يىلى «سىنگاپور تەنتەربىيە كۇلۇبى» نامىدا قۇرۇلغان ئات بەيگىسى مۇسابىقە يولى 1924-يىلى سىنگاپور «Turf Club» قا ئۆزگەرتىلگەنىدى.

1972-يىلى بۇ مۇسابىقە يولىدا ئايال 2 - پادىشاھ ئېلزابىت نامىدىن ئاي بەيگىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر