پاكىستان كوماندىلىرى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى

«مولتان سۇلتانلىرى» بىلەن «لاھور كالاندارس» كوماندىسى ماھىرلىرى كالتەك توپ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.

1946064
پاكىستان كوماندىلىرى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ مولتان شەھىرىدىكى كالتەك توپ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مولتان سۇلتانلىرى» بىلەن «لاھور كالاندارس» كوماندىسىنىڭ كالتەك توپ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرىلەندى.

مولتان شەھىرىدىكى مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

توپ مەستانىلىرىمۇ «تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە دۇئا قىلىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر