خاتايسپور كوماندىسى ئىستانبۇلدا

ئاتاقاش خاتايسپور كوماندىسى 7.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ باردى.

1943528
خاتايسپور كوماندىسى ئىستانبۇلدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرېنېر ۋولقان دەمىرەل باشچىلىقىدىكى ئاتاقاش خاتايسپور كوماندىسى، تۈنۈگۈن (7-فېۋرال) كەچتە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، خاتايسپور كوماندىسى تۈركىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رىۋا رايونىدىكى مۇئەسسەسەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، خاتايدا خارابىلىك ئاستىدا قالغان خاتايسپور كوماندىسى ماھىرى كرىستىيان ئاتسۇ قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر