دۇنيا مەتبۇئاتى ئەردوغاننىڭ رونالدو توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پورتۇگالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كىرىستىيانو رونالدو توغرىسىدىكى سۆزى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

1924788
دۇنيا مەتبۇئاتى ئەردوغاننىڭ رونالدو توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتۇگالىيەدىن ئىتالىيەگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ گېزىتلىرى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رونالدونى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتبولچى كىرىستىيانو رونالدو توغرىسىدا توختىلىپ: «رونالدونى نابۇت قىلىۋېتىشتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار رونالدوغا سىياسىي جازا يۈرگۈزدى. رونالدوغا ئوخشاش بىر پۇتبولچىنى مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا 15 مىنۇت، يېرىم سائەت مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ئۇنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئېنېرگىيەسىنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى. رونالدو پەلەستىن دەۋاسىنى قوللايدىغان بىرى» دېگەن سۆزلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Daily Mirror» گېزىتى، ئەردوغاننىڭ «رونالدوغا سىياسىي جازا بېرىلدى» دېگەن سۆزىنى باش تېما قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ تەنتەربىيە گېزىتى «Corriere Della Sport»، ئەردوغاننىڭ رونالدونىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پۇتبول كەچۈرمىشىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

پورتۇگالىيەنىڭ تەنتەربىيە گېزىتى «ABOLA»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رونالدونى قوللايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋىرىدە: «رونالدو تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رونالدو توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئىسپانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى؛ ئىتالىيەنىڭ «ماركا گېزىتى» ئەردوغاننىڭ «رونالدو دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سىياسىي جازانىڭ قۇربانى بولدى» دېگەن سۆزىنى باش تېما قىلدى.

خەۋەردە «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى پورتۇگالىيەلىك چولپاننى قوللىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر