ليۇ شياۋجۈننىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى روھلاندۇرغۇچ دورا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ ئۈچ قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى چېمپىيونى بولغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى ليۇ شياۋجۈننىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى روھلاندۇرغۇچ دورا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1922971
ليۇ شياۋجۈننىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى روھلاندۇرغۇچ دورا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئۈچ قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى چېمپىيونى بولغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى ليۇ شياۋجۈننىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى روھلاندۇرغۇچ دورا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەش جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا روھلاندۇرغۇچ دورىلارنى كونترول قىلىش ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، 38 ياشلىق تەنھەرىكەتچىنىڭ 30-ئۆكتەبىر ئېلىنغان روھلاندۇرغۇچ دورا ئەۋرىشكىسىدە چەكلەنگەن ئېرىتروپوئىتىن ماددىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، چەكلەنگەن مەزكۇر ماددا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىنىڭ تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

تەكشۈرۈش تولۇق ئاخىرلاشقۇچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن ليۇ شىياۋجۈننىڭ، B ئەۋرىشكىسىنىڭ تەھلىل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

2012-ۋە 2016-يىللىرى ئەرلەر 77 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئولىمپىك چېمپىيونى بولغان خىتاي تەنھەرىكەتچى ليۇ شىياۋجۈن، 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەر 81 كىلوگىراملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنىدى.

ئۇنىڭ يەنە بەش قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر