دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى» مۇكاپاتلاندى

قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلىرى» مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1920619
دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى» مۇكاپاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەككىز توپ كىرگۈزۈپ «توپ كىرگۈزۈش شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن كېليان مىباپپې ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2022 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياش مۇنەۋۋەر پوتبولچىسى مۇكاپاتىغا ئارگېنتىنالىق ئېنزو فېرناندېز؛ ئەڭ ياخشى ۋارتاچى مۇپاكاتى بولغان ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئارگېنتىنالىق ماھىر ئېمىلىيانو مارتىنېز ئېرىشتى.

ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق پۇتبول ماھىرى لىئونېل مېسسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك توپچىسى دەپ باھالىنىپ، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر