پولشالىق شىمون مارچىنياك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا رېپېرلىق قىلىدۇ

قاتارنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئارگېنتىنا-فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا، پولشالىق شىمون مارچىنياك (Szymon Marciniak) رېپېرلىق قىلىدۇ.

1919634
پولشالىق شىمون مارچىنياك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا رېپېرلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2022 -يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئارگېنتىنا-فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 18-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى لۇسايىل تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 18.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.00 دە باشلىنىدۇ. مۇسابىقىنىڭ رېپېرى شىمون مارچىنياكقا، ئوخشاشلا پولشالىق پاۋېل سوكولنىك بىلەن توماش لىستكىيۋىچ ياردەمچى رېپېرلىق قىلىدۇ. ئامېرىكالىق ئىسمائىل ئەلفاس مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى رېپېرى بولىدۇ.

شىمون مارچىنياك 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، فىرانسىيە-دانىيە ۋە ئارگېنتىنا-ئاۋستىرالىيە مۇسابىقىلىرىغا رېپېرلىقب قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر