ئەنگلىيە رونالدوغا ھەم جازا بەردى ھەم جەرىمانە قويدى

پورتۇگالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كىرىستىيانو رونالدوغا ئاپرېل ئېيىدىكى بىر مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزىنى سۈرەتكە ئالغان بىر پۇتبول مەستانىسىنىڭ تېلېفونىغا ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جازا بېرىلدى.

1910417
ئەنگلىيە رونالدوغا ھەم جازا بەردى ھەم جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، رونالدوغا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەردى ۋە 50 مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويدى.

رونالدونىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان ۋەقە، ئاپرېلدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېۋىرتون كوماندىسىغا 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.

رونالدو كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، جەكې خاردىڭ ئىسىملىك 14 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ، بالىنىڭ تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ يەرگە ئېتىپ، چېقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانىدى.

نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن كېيىن، رونالدو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان ۋە خاردىڭنى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر