سەئۇدى ئەرەبىستان بىر توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئارگېنتىنانى مەغلۇب قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان-ئارگېنتىنا مۇسابىقىسى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1909662
سەئۇدى ئەرەبىستان بىر توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئارگېنتىنانى مەغلۇب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان-ئارگېنتىنا مۇسابىقىسىدە، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن ئۈچ توپ، قائىدەگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ ئوفسايت تاكتىكىسى ياخشى ئۈنۈم بەردى. مۇسابىقە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى، يەنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

دانىيە-تۇنىس مۇسابىقىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. بۇ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر