تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى چېمپىيونلۇق بىلەن خوشلاشتى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIVB) دۇنيا چېمپىيونلۇقىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكا كوماندىسىغا 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە چېمپىيونلۇق بىلەن خوشلاشتى.

1891848
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى چېمپىيونلۇق بىلەن خوشلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ گلىۋىسسە (Gliwice) شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنىڭ چارەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، دەسلەپتە ئالتە نومۇر كەينىدە قالدى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي 10-10 تەڭلەشتۈردى. بىراق، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا كوماندىسى 22 گە قارشى 25 كە چىقاردى ۋە تۈركىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى. تۈركىيە كوماندىسى ئىككىنچى مەيدا مۇسابىقىدە، 25 كە قارشى 15، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، 25 كە قارشى 20 نەتىجە بىلەن، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئامېرىكا كوماندىسى بۇ نەتىجىسى بىلەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە كوماندىسى بولسا، چېمپىيونلۇق بىلەن خوشلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر