بۈگۈن تۈركىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بۈگۈن (2022-يىلى 11-ئۆكتەبىر) پولشادا F گۇرۇپپىسىدا ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

1891441
بۈگۈن تۈركىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ B (FIVB)گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىلەردە بىرىنچى رەتتە 16 كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى، بۈگۈن پولشادا Fگۇرۇپپىسىدا ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 18.30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.30 دا «1-ت ر ت» قانىلىدا ۋە «trtspor.com.tr» ئادرېسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى Fگۇرۇپپىسىدىكى 1-ئايلانما مۇسابىقىلىرىدە، گېرمانىيە ۋە كانادا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى، ئەمما ئامېرىكا ۋە سېربىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. F گۇرۇپپىسىدا ئامېرىكا ۋە سېربىيە كوماندىسىدىن كېيىن ئۈچىنچى بولغان تۈركىيە كوماندىسى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، ئامېرىكا كوماندىسىغا 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭگەن تەقدىردە، سېربىيە-پولشا مۇسابىقىسىنىڭ غالىب كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە، ئىتالىيە-خىتاي، بىرازىلىيە-ياپونىيە كوماندىلىرىمۇ مۇسابىقىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر