تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئەتە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئەتە (2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر) گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIVB) چېمپىيونلۇقىنىڭ 2-ئايلانما بىرىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.
1887612

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئەتە پولشادا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 20.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23.00 تە باشلىنىدۇ.
B گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولغان ۋە 16كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى 2-ئايلانما مۇسابىقىلىرىنى F گۇرۇپپىسىدا ئوينايدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا، ئامېرىكا، سېربىيە، گېرمانىيە ۋە كانادا كوماندىلىرى بار. تۈركىيە كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدا ئالدىنقى تۆت كوماندا ئىچىگە كىرەلىسە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاسكېتبول ئوينىدى.