تۈركىيە كوماندىسى گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى

تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، گرېكچە چېلىشىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولدى.

1879771
تۈركىيە كوماندىسى گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيە كوماندىسى گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدال ۋە ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ماھىرى رىزا كايائالپ 130 كىلوگىراملىقلار، بۇرھان ئاكبۇداك 82 كىلوگىراملىقلارنىڭ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. سەلچۇك جان 72 كىلوگىراملىقلاردا، يۇنۇس ئەمرە باشار 77 كىلوگىراملىقاردا ۋە ئەلى جەنگىز 87 كىلوگىراملىقلاردا بىردىن مىس مېدال قولغا كەلتۈردى. مەتەخان باشار 97 كىلوگىراملىقلاردا، مۇرات فىرات 67 كىلوگىراملىقلاردا بەشنچى بولدى.

تۈركىيە ماھىرلىرى گرېكچە چېلىشىش تۈرىدە كوماندا بويىچە 125 نومۇرغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولدى. ئەزەربەيجان كوماندىسى 118 نومۇر بىلەن ئىككىنچى، سېربىيە كوماندىسى 110 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى بولدى.

تۈركىيە گىرېكچە چېلىشىش كوماندىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2009-يىلى دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا كوماندا بويىچە بىرىنچى بولغان ئىدى. ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندە يەنە تەكرار چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر