مۇھەممەد ئەلىنىڭ چېمپىيونلۇق بەلبېغى 6 مىليون 180 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

ئامېرىكالىق بوكىس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ چېمپىيونلۇق بەلبېغى 6 مىليون 180 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

1859166
مۇھەممەد ئەلىنىڭ چېمپىيونلۇق بەلبېغى 6 مىليون 180 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
muhammed ali.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلى 1974-يىلى « Rumble in the Jungle» مۇسابىقىسىدە جورج فورماننى مەغلۇپ قىلغاندا ئېرىشكەن ئالتۇن كەمەر، كىمئارتۇق سودىسىدا سېتىلدى.

ئىندىئاناپولىس كولتس پۇتبول كوماندىسىنىڭ خوجايىنى جىم ئىرساي، مۇھەممەد ئەلىنىڭ چېمپىيونلۇق بەلبېغىنى  6 مىليون 180 مىڭ دوللارغا سېتىۋالدى.

ئىرساي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، مۇھەممەد ئەلىنىڭ چېمپىيونلۇق بەلبېغىنى ئامېرىكا تارىخى ۋە مودا مەدەنىيەت خاتىرە بۇيۇملىرى توپلىمى ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەلۋاغ، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چىكاگودىكى پىئېر پورتىدا ۋە 9-سېنتەبىر ئىندىئاناپولىستا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر