تۈركىيە ماھىرلىرى بىر كۈندە يەتتە مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىدە داۋاملىشىۋاتقان 57 – نۆۋەتلىك چوڭلار كاراتې لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر تۈنۈگۈن ئالتە ئالتۇن ۋە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

1834177
تۈركىيە ماھىرلىرى بىر كۈندە يەتتە مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىنبەي تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ 4-كۈنىدە (تۈنۈگۈن) مەيدانغا چۈشكەن مىللىي كاراتې ماھىرلىرى يەتتە مېدالغا ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا ئەرلەر 75 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە ئەرمان ئەلتەمۇر، ئاياللار 68 كىلوگراملىقلار تۈرىدە ئەدا ئەلتەمۇر بىرىنچى بولدى. چۈشتىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە، سەراپ ئۆزچەلىك ئاراپئوغلۇ، ئەراي شامدان، بۇراق ئۇيغۇر، ئالى سوفۇئوغلۇ ئالتۇن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. دىلئارا بوزان يەككە ئېلىشىش تۈرىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

بۇ نەتىجىلەر بىلەن مىللىي تەنھەرىكەتچىلەر تۈنۈگۈن بىر كۈندە ئالتە ئالتۇن ۋە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر