شازىيە ئەردوغان ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

مەملىكەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى شازىيە ئەردوغان، ئالبانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

1834225
شازىيە ئەردوغان ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن پايتەخت تىرانادا 39 دۆلەتتىن كەلگەن 326 تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شازىيە ئەردوغان ۋە جانسۇ بەكتاش ئاياللار 45 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە مەيدانغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشكەن مىللىي ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى شازىيە ئەردوغان ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ياۋروپا چېمپيونى بولدى.

ئوخشاش تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان مىللىي ماھىر جانسۇ بەكتاش ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بەكتاش يەنە، 68 كلوگىراملىقلار يۇلۇپ ئېلىش تۈرىدە تۆتىنچى بولدى.

ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ تېلېگرامما تارقىتىپ، مىللىي ماھىر شازىيە ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر