تەنتەربىيە ساھەسى بېلارۇسىيەگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) بېلارۇسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى بىتەرەپ بىر دۆلەتنىڭ مەيدانىدا ۋە تاماشىبىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1789983
تەنتەربىيە ساھەسى بېلارۇسىيەگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كېڭىشى بېلارۇسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى توغرىسىدا قارار چىقاردى.

قاراردا، بېلارۇسىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاراردا، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر بىتەرەپ دۆلەت مەيدانىدا ۋە تاماشىبىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر