ياۋروپادىكى تۈرك پۇتبولچىلار چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلانماقتا

ياۋروپادا پۇتبول ئويناۋاتقان تۈركىيەلىك ماھىرلاردىن ھاكان چالخانئوغلۇ، ئوركۇن كۆكچۈ، جەنگىز ئۈندەر ۋە ئەنەس ئۈنال يۇقىرى ماھارەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىگە سازاۋەر بولماقتا.

1783646
ياۋروپادىكى تۈرك پۇتبولچىلار چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوركۇن كۆكچۈ 2022-يىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇرىغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى باھاسىغا ئېرىشىتى. ئۇ بۇ پەسىلدە ئالتە توپ كىرگۈزدى. ئۇ 2022-يىلنىڭ ئۆزىدىلا بەرگەن پاسلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا يەتتە توپ كىرگۈزۈلۈشىگە ھەسسە قوشۇپ، ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن 3-ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالدى.

ھاكان چالخانئوغلۇ بۇ پەسىلدە ئانچە ئاۋاز چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېردا كىرگۈزگەن ئالتە توپ ۋە سەككىز پاس بىلەن، كوماندىسىنىڭ ۋاز كەچمەس ماھىرلىرىدىن بولۇپ قالدى.

جەنگىز ئۈندەر مارسىليادا تېخنىكا دىرېكتورى سامپاۋلىنىڭ قولىدا قايتىدىن چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلاندى. ئۇ كىرگۈزگەن يەتتە توپ ۋە بىر پاس بىلەن كوماندىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ماھىرى بولۇپ قالدى.

جەنگىز ئۈندەر چۈشكەن مۇسابىقىلەردە، فىرانسىيەنىڭ مارسىليا كوماندىسىنىڭ نومۇرى تۆۋەنلىمىدى.

ئەنەس ئۈنال ئىسپانىيەدىكى مۇسابىقىلەردە 11 توپ كىرگۈزۈپ، گېتافە كوماندىسىنى مۇسابىقىدىن چېكىنىشتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇ 2022-يىلىدا ياۋروپادا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن 14- پۇتبولچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر