ۋىنسېنت ئابوباكار كامېرون كوماندىسىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلاندى
ئافرىقا لوڭقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىدە، كامېرون كوماندىسى 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئېفىيوپىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.
1762572
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان كامېرون كوماندىسى 16 كوماندا ئىچىگە كىردى.
مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇت ۋە 67 مىنۇت ئۆتكەندە، كامېرون كوماندىسىنىڭ ماھىرى توكو ئېكامبى ئېفىيوپىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ، 53- ۋە 55-مىنۇتتا ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە بەشىكتاش كوماندىسىدا توپ ئوينىغان كامېرون كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋىنسېنت ئابوباكار ئىككى توپ كىرگۈزدى.
كامېرون كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋىنسېنت ئابوباكار بۇ نەتىجىسى بىلەن، 2008-يىلى ئەتودىن كېيىن، ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىملىق ئافرىقا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولۇپ قالدى.
ۋىنسېنت ئابوباكار كامېرون كوماندىسى بۇركىنا فاسو كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلغان مۇسابىقىدىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئىدى.