ياپونىيە باش ۋەزىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بېرىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو 2022-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى پىلانلىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1748369
ياپونىيە باش ۋەزىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بېرىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر كىشىدا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى سۆزى جەريانىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كيودو ئاگېنتلىقى، بۇ پوزىتسىيەنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت چاقىرىدىن كېيىن بىلدۈرۈلۈشىنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىرانسىيە بولسا، بېيجىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ياپونىيەنىڭ توكيو 2020 تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ رەئىسى خاشىموتو سەيكو ياكى ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى ياماشىتا ياسۇخىرونى خىتايغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر