گالاتاساراي UEFA مۇسابىقىلىرىدە 16–رەتكە تىزىلدى
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) مۇسابىقىلىرىدە 18-رەتكە تىزىلغان تۈركىيە، گۇرۇپپىسىدىكى بەشىنچى ھەپتىلىك مۇسابىقىلەردىن كېيىن، 16-رەتكە چىقتى.
1739249
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە كوماندىلىرىدىن بەشىكتاش بىلەن فەنەرباھچە كوماندىلىرى مۇسابىقىلىرىدە نومۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ مارسىليا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىشى نەتىجىسىدە ئالغان قوشۇمچە ئىككى نومۇر بىلەن، ئىككى قەدەم ئۆرلەپ 16-رەتكە تىزىلدى.
تۈركىيەنىڭ رەقىبى گىرېتسىيە كوماندىسى ھەپتىنى 19-رەتتىكى ئورنى بىلەن باشلىدى، ئەمما بۇ ھەپتە ئاخىرى 15-رەتكە تىزىلدى.
تۈركىيە، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، دانىيە، چېخىيە ۋە كىرودىيە 15-رەت ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەت ئىچىدە.