زەينەپ يەتگىل چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى
زەينەپ يەتگىل سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 23 ياشتىن تۆۋەن دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.
1730184
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، زەينەپ 53 كىلوگىراملىقلار بويىچە موڭغۇل رەقىبى مۇنخگېرېل مۇنخباتنى 3 كە قارشى 8 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى.
چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئىتالىيەلىك رەقىبى كارمېن دى دىيونى مەغلۇپ قىلغان زەينەپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، رۇسىيەلىك رەقىبى ئېكاتېرىنا ۋېربىناغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى.