تۈركىيە گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، گىرېتسىيە ئولىمپىياكوس پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاتىناغا بارغان گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىغا قىلىنغان ناچار مۇئامىلىنى ئەيىبلىدى.

1674375
تۈركىيە گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا يازما جاۋاب  قايتۇرۇپ، گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىنىڭ 13-ئىيۇل كەچتە گىرېتسىيە ئولىمپىياكوس كوماندىسى بىلەن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتىناغا بارغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن: «كوماندىمىزنىڭ مەنپىي چىققان PCR نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتلىك دەپ قارالماسلىقى ۋە كوماندىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ قايتىدىن ئۆزلىرىنى تەكشۈرتكۈزۈشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى ئالىيجانابلىق ۋە ياخشى نىيەتتىن يىراق» دېدى.

بىلگىچ، بۇ ناچار مۇئامىلىدىن كېيىن، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ناھايىتى ھەقلىق رەۋىشتە گىرېتسىيەگە كىرمەي تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «گىرېتسىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كوماندىلىرىنىڭ بىرىنى مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن كۈتۈۋېلىشى، ھەتتا تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۆلىتىمىزگە بولغان چىدىماسلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئولىمپىياكوس كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن گىرېتسىيەگە بارغان گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى، گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) سىناق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى ۋە قىلىنغان قوپال مۇئامىلىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر