تۈركىيە ماھىرى ياۋروپا ياشلار چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، مەلىسا سارىتاچ ئاياللار 76 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1668548
تۈركىيە ماھىرى ياۋروپا ياشلار چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، مەلىسا سارىتاچ ئاياللار 76 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

مەلىسا سارىتاچ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، پولشا ماھىرى دانىيلا تكاچۇكنى 0 گە قارشى 11 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلىپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

يەنە بىر تۈركىيە ماھىرى مەلدا دەرنەكچى 55 كىلوگىراملىقلارنىڭ مىس مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، بېلارۇسىيە ماھىرى ۋىكتوريا ۋولكۇنى 1 گە قارشى 12 نومۇر بىلەن يىڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

50 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، زەھرا دەمىرخان مولداۋىيە ماھىرى مارىيا لېيوردانى 0 گە قارشى 10 نومۇر بىلەن، بېلارۇسىيە ماھىرى ناتالىيا ۋاراكىنانى 0 گە قارشى 5 نومۇر بىلەن يىڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر