تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتول كوماندىسى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 11-ئىيۇن (2021) باشلىنىدىغان 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن بۇرۇن ئاخىرقى تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، مولدوۋا كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مولدوۋا كوماندىسى بىلەن گېرمانىيەدە مۇسابىقىگە چۈشتى.
تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ بىرىنچى توپىنى 58-مىنۇتتا بۇراك يىلماز، 77-مىنۇتتا جەنگىز ئۈندەر قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزدى.
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مولدوۋا مۇسابىقىسى بىلەن، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولدى.
ئانتاليا مەشىق لاگېرىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە كوماندىسى ئەزەربەيجان كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن بولۇپ، گىنە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشقان ئىدى.
تۈركىيە كوماندىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى مەشىقى 10-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. كوماندا شۇ كۈنى رىمغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. 11-ئىيۇن رىم ئولىمپىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسىدە، ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.