ئەردوغان تۈركىيە ۋالىبول كوماندىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا تۈركىيە ۋالىبول فېدېراتسىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ماھىرلىرىنى قوبۇل قىلدى.

1618556
ئەردوغان تۈركىيە ۋالىبول كوماندىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق ۋالىبولچىلار ناز ئايدەمىر ئاقيول بىلەن ئەدا ئەردەم دۇندار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋالىبولنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە ۋالىبول فېدېراتسىيەسى ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

بۇ جەرياندا، ھەيئەت ئىچىدىكى كۇبا پۇقراسى فەنەرباھچە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ماھىرى مېلىسسا تېرېسسا ۋارگاسنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر