فىرانسىيە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە يۇسۇف يازىجى يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسەتتى

فىرانسىيە بىرىنچى پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ 23-ھەپتىسىدە بوردېيۇكس (Bordeaux) كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن لىللە (Lille) كوماندىسى ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمىدى.

1577154
فىرانسىيە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە يۇسۇف يازىجى يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە بىرىنچى پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ 23-ھەپتىسىدە بوردېيۇكس (Bordeaux) كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن لىللە (Lille) كوماندىسى ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمىدى. تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى يۇسۇف يازىجى مۇسابىقىدە بوردېيۇكس كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى.

بوردېيۇكس كوماندىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مەيدانىدا، ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 54 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا چۈشكەن يۇسۇف يازىجى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، لىللە كوماندىسى ئالدىغا ئۆتتى. يۇسۇف يازىجى بۇ پەسىللىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ۋاراتاغا كىرگۈزگەن توپ سانىنى يەتتىگە چىقاردى.

لىللە كوماندىسى 66-مىنۇتتا بىر توپ، 89-مىنۇتتا يەنە بىر توپ بولۇپ، جەمئىي ئۈچ توپ كىرگۈزدى. بۇ نەتىجە بىلەن، لىللە كوماندىسى گۇرۇپپىدا نومۇرىنى 51 گە چىقاردى ۋە ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر