مىلان كوماندىسى تورىنو كوماندىسىنى يەڭدى

ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ئاخىرقى 16 كوماندا مۇسابىقىسىدە، مىلان (Milan) كوماندىسى 0-0 بىلەن ئاخىرلاشقان مۇسابىقىنىڭ 11 قەدەمدىن تېپىشتا، تورىنو (Torino) كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا 4 كە قارشى 5 توپ كىرگۈزۈپ چارەك ھەل قىلغۇچقا چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1562743
مىلان كوماندىسى تورىنو كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىلانو شەھىرىدىكى سانسىرو تەنتەربىيە مەيدانىدا مىلان-تورىنو كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مەيدانى ئانچە ھاياجانلىق بولمىدى ۋە ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى.

مىلان كوماندىسى ئىككىنچى مەيداندا ماھىر ئالماشتۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 46 مىنۇت ئۆتكەندە ھاكان چالخانئوغلۇ زلاتان ئىبراھىموۋىج (Zlatan İbrahimovic) نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلدى. 72-مىنۇت بولغاندا، مىلان كوماندىسىنىڭ زاپاس ۋاراتاچىسى گىيانلۇيگى دوننارۇمما (Gianluigi Donnarumma) غا رېپېرغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارت جازاسى بېرىلدى.

ئىككىنچى مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىنىڭ ۋاراتاسىغا توپ كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسابىقە 0-0 بىلەن ئاخىرلاشتى. قوشۇپ بېرىلگەن 15 مىنۇتتىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمىدى. نەتىجىدە، 11 قەدەمدىن تېپىشتا ھاكان چالخانئوغلۇ 5-توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزۈشى بىلەن، مىلان كوماندىسى 4 كە قارشى 5 توپ كىرگۈزگەن بولدى ۋە مۇسابىقىدە ئۇتقان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر