دۇنيا پۇتبولچىلىقى ماتەمدە...

دۇنيا ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1534715
دۇنيا پۇتبولچىلىقى ماتەمدە...
maradona pele.JPG
maradona 5.JPG
maradona 4.JPG
maradona 3.JPG
maradona 2.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتبول تارىخىدا ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازغان ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى دىيىگوارماندو مارادونا (Diego Armando Maradona) يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئۇ ئارقىسىدا 60 يىللىق رەڭدار گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ۋە بەزىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، بەزىدە تۆۋەنلىگەن مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

مارادونا 1960-يىلى 30-ئۆكتەبىر دۇنياغا كەلدى. ئۇ پۇتبول ئويناشنى ئارگېنتىنو زونىيورس (Argentinos Juniors) تا باشلىدى. 1982-يىلى رېكورت سەۋىيەگە يەتكەن ھەق بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا كىردى. ئىككى يىل كاتالونىيە ئەترىتىنىڭ فورمىسىنى كىيدى ۋە ئارقىدىن داڭلىق ماھىرغا ئايلىنىدىغان ناپولى (Napoli) كوماندىسىغا ئالماشتى. كۇلۇب ئالماشقاندا، ھەققى ئىككى قېتىم رېكورت بۇزغان بىردىنبىر پۇتبولچى بولۇپ قالدى. ئۇ ناپولى كوماندىسىدىكى ۋاقتىدا، كوماندا ئىككى قېتىم چېمپىيون بولدى. 1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلاندى. شۇ يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، مارادونا ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولدى.

ئۇ ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا، شۇ ۋاقىتقىچە دۇنيا لوڭقىسىدا ۋاراتاغا ئەڭ چىرايلىق كىرگۈزۈلگەن ۋە ئەڭ قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان توپلارنى تېپىپ كىرگۈزدى. «تەڭرىنىڭ قولى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ توپلار، دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا ئۇزۇنغىچە مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەنگلىيە ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن ئىككىنچى توپى «يۈز يىلنىڭ توپى» بولۇپ باھالاندى.

1990-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېمپىيونلۇقى، مارادونا ئۈمىدسىزلىككە تولغان مۇسابىقە بولدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مارادونا كۆز-ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

داڭلىق پۇتبولچى پىلى (Pele) غا ئوخشاش يۈز يىلنىڭ پۇتبولچىسى بولۇپ باھالانغان مارادونا، ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسى قاتناشقان 91 مۇسابىقىدە، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا 34 توپ كىرگۈزدى.

ئۇ پۇتبول ئويناشتىن چېكىنگەندىن كېيىن، تېخنىكا مەشقاۋۇلى بولۇپ خىزمەت قىلدى. 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان ئىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ بىرى بولغان مارادونا ئۈچۈن ئارگېنتىنادا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر