UEFA مۇسابىقىلىرىغا بىر تۈرك رېپېرلىق قىلىدۇ

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) نىڭ تۈرك رېپېرى جۈنەيت چاكىر ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئىتالىيەنىڭ ناپولى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئكتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدا رېپېرلىق قىلىدۇ.

1468378
UEFA مۇسابىقىلىرىغا بىر تۈرك رېپېرلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رېپېرى جۈنەيت چاكىر ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئىتالىيەنىڭ ناپولى كوماندىسى 2020-يىلى 8-ئاۋغۇست (جۈمە) ئوتتۇرىسىدا تاماشىبىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا بىرلەشمىسى (UEFA) چېمپىيونلۇقىنىڭ 16 ئايلانما مۇسابىقىسىغا رېپېرلىق قىلىدۇ.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادىكى نوۋ تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئەنقەرە ۋاقتى 22:00 دە باشلىنىدىغان مۇسابىقىدە پۇشتەك چالىدىغان جۈنەيت چاكىرنىڭ ياردەمچى رېپېرلىقىنى باھاتتىن دۇران بىلەن تارىك ئونگۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى رېپېرى خالىل ئۇمۇت مەلەر بولىدۇ. مەتە كالكاۋان ۋىدېئو ياردەمچى رېپېر (VAR) ، ئەلى پالابىيىك كالكاۋاننىڭ ياردەمچىسى (AVAR) بولىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر